您的位置:政府信息公开->乡镇(场)信息公开
关于古勒阿瓦提乡开展花盆埋药工作的通知
 
2013( -نۇمۇرلۇق)           تەستىقلىغۇچى:قېيۇم تەۋەككۈل
 
 
گۈل تەشتەكلىرىگە دورا كۈمۈش توغىرسىدا ئۇقتۇرۇش
ھەر قايسى كەنىتلەرگە،پونكىت-ئورۇنلارغا: 
كېۋەز پىتىنىڭ زىيان سېلىش دائىرسى بىر قەدەر كەڭرى بۇلۇپ،كېۋەزگە زىيان سېلىپلا قالماي،نۇرغۇنلىغان زىرائەت ۋە سەي كۆكتاتلارغا زىيان سالىدۇ.كۆكپىتنىڭ قالدۇقى ئۆيدىكى گۈل تەشتەكلىرى ۋە پارنىكلادىكى سەي-كۆكتاتلاردا،ئانار دەرىخدە قىشتىن ئۆتۈپ،كېلەر يىلى ئەتىيازداكېۋەزگە ۋە باشقا زىرائەتلەرگە ۋە ئۇچۇقچىلىققا تېرىلغان سەي-كۆكتاتلارغا زىيان سالىدۇ.شۇڭا كىۋەز پىتىنىڭ قىشلاش مەنبەسىنى بىر تەرەپ قىلىپ،كۆكپىتنىڭ قىشتىن ئۆتكەن ئاساسى سانىنى ئازايتىپ،كۆكپىت زىيىنىنى تۆۋەن چەكتە كونتىرول قىلىش ئۈچۈن،يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن،يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتى يېزىمىز تەۋەسىدىكى پونكىت-ئورۇن،مەكتەپ،كەنىت تەۋەلىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ گۈل تەشتەكلىرىگە،پارنىك لاپاسلارغا دورا كۈمۈپ كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:
1 .دورا — ئائىلىلەردە بېقىلۋاتقان گۈل،ئانار دەرىخى،پارنىك-لاپاسلادىكى سەي كۆكتاتلارغا تۇللۇق كۈمۈلىدۇ. كەنىت مەسئۇللىرى كەنىتتىكى ئايال جۈرۈننى بۇخىزمەتكە مەسئۇل قىلىپ،بىردىن ~ ئىككىگىچە ياردەمچى خادىمنى دورا كۈمۈش خىزمىتىگە ئاجىرتىپ،دورا كۈمۈش بىلەن ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش،پونكىت-ئورۇن مەسئۇللىرىنىڭ   ئائىلىلەرنىڭ گۈللىرىنى يۇشۇرۇپ،دورا كۈمۈدىغان خادىملارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇلۇق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ھەمدە دورا كۆمگەن تېخنىك خادىملارنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىش كېرەك.
2.دورا ھەقلىق يۇسۇندا ئۆلچەم بويىچە بىر تۇتاش تەقسىملەپ بىرىلدۇ. كۈمۈلىدىغان دورا مىقدارىنى تەشتەكنىڭ ئەمەلىي چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن بەلگىلسە بۇلىدۇ. چوڭ تەشتەككە 5گىرام،ئوتتۇرا ھال تاشتەككە 3گىرام،كىچىك تەشتەككە2-1گىرامغىچە كۈمۈلىدۇ.
3. ئىشلىتىدىغان دورا ئۆتكۈر زەھەرلىك بۇلۇپ ،دورىنى كۈمۈپ بولغاندىن كىيىن، خالىغانچە كولاپ ئېلىۋتىشكە، ئۈزى كۈمۈش ئۈچۈن ئېلىۋېلىپ،كۆممەي خالىغانچە ئاشلىق،يىمەكلىك ساقلايدىغان ئامبارلارغا تاشلاپ قۇيۇشقا ياكى چاشقان يۇقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە قەتئى بولمايدۇ.دورىنى كۈمۈپ بولغاندىن كېيىن دەرھال گۈللەرنى سۇغىرىپ بىر تەرەپ قىلىش، دورىنىڭ پۇرىقى تۈگىگەنگە قەدەر پات-پات ئۆيلەرنىڭ ئىشىك دېرىزىلىرىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئەگەر ئۆيدە بوۋاق،ياشانغانلار بولسا،دورا كۆمگەن تەشتەكلەرنى باشقا ئۆيگە يۆتكەش لازىم.
ھەر بىر تاشتەككە دورا كۆمگەندىن كىيىن كۈمۈلگەن دورا مىقدارىغا ئاساسەن ،دورا ئىسىمى، ئالدىنى ئېلىش ۋاقتى ۋە ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل كىشىنى بەلگە ئۈستىگە يېزىپ چاپلاپ، تەكشۈرۈشنى كۈتىدۇ.
بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ مەسئۇليىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
4.دورا كۈمۈش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش:
 (1)دورا كۈمۈش
بىرىنچى قېتىم دورا كۈمۈش ۋاقتىى2013-يىل11-ئاينىڭ27-كۈنىدىن12-ئاينىڭ22-كۈنىگىچە
ئىككىنچى قېتىم دورا كۈمۈش ۋاقتىى2014-يىل1-ئاينىڭ3-كۈنىدىن1-ئاينىڭ22-كۈنىگىچە
ئۈچىنچى قېتىم دورا كۈمۈش ۋاقتىى :2014-يىل2-ئاينىڭ3-كۈنىدىن2-ئاينىڭ22-كۈنىگىچە
(2)تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش
بىرىنچى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ۋاقتى:2013-يىل12-ئاينىڭ 23-كۆنىدىن26-كۈنىگىچە
ئىككىنچى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈۋېلىشۋاقتى:2014-يىل1-ئاينىڭ23-كۈنىدىن26-كۈنىگىچە
ئۈچىنچى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ۋاقتى:2014-يىل2-ئاينىڭ23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە
(3)جەدىۋەل يوللاش ۋاقتى: سىتاتسىتكا جەدۋىلىنى ھەر قېتىمىلىق دورا كۈمۈشنى ئاخرلاشتۇرۇپ بىر كۈندىن كىيىن يېزىلىق تېخنىكا كېڭەيتىش پونكىتىغا تاپشۇرۇپ بىرىشى كېرەك. ھەر قايسى كەنىتلەر،پونكىت-ئورۇنلار بۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بۇ خىزمەتكە ئاكتىپ ماسلىشىشنى ئۇقتۇرىمىز.
قۇشۇمچە: ھەر قايسى كەنىت،پونكىت-ئورۇنلارنىڭ دورا تەقسىمات جەدىۋىلى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
گۈلئاۋات يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتى
2013-يىل11-ئاينىڭ25-كۈنى
 
 
 
 
ھەر قايسى كەنىت،پونكىت-ئورۇنلارنىڭ دورا تەقسىمات جەدىۋىلى
 
كەلگەن پۇلى
تەقسىم بولغان دۇرا
پونكىت ، كەنىت نامى
كەلگەن پۇلى
تەقسىم بولغان دۇرا
كەنىت نامى
100
1
ئوتتۇرا مەكتەپ
100
1
مالىيە پونىكىتى
100
1
سۇ پونكىتى
100
1
مەركىزى مەكتەپ
100
1
يېزىلىق شىپاخانا
300
3
1-كەنىت
300
3
7-كەنىت
300
3
2-كەنىت
200
2
8-كەنىت
300
 3
3-كەنىت
300
3
9-كەنىت
300
3
4-كەنىت
300
3
10-كەنىت
200
2
5-كەنىت
300
3
11-كەنىت
200
 2    
6-كەنىت
300
3
12-كەنىت
 
 
 
300
3
13-كەنىت
 
 
 
2300
23
 
1800
18
جەمئى
 
 
网站地图 | 网站管理 | 关于我们 | 帮助指南 | 隐私安全
新疆温宿县人民政府    版权所有    邮编:843000    新ICP备10001353号
本站由金华正元计算机工程有限公司    提供技术支持
政府咨询建议电话:0997-4538108    地址:温宿县西大街10号    网址:http://www.wszf.gov.cn/