您的位置:政府信息公开->乡镇(场)信息公开
古勒阿瓦提乡2013年第三轮口蹄疫通报通知
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
2013-يىل 2-قېتىملىق ئاقسىل كىسىلى، قۇش زۇكىمى، تۇخۇ يىڭى شەھەر ۋابا كىسەللىگىنى مەجبۇرى ئىممونىتلاش خىزمىتىدە مەسئۇليەتنى سۈرۈشتە قىلىش تەدبىرىنى ئەمىللەشتۈرگەنلىكىمىز توغىرىسىدا ئۇقتۇرۇش
 
 ھەر قايسى كەنىت كومتىتلىرىغا، مۇناسىۋەتلىك پونكىت ئۇرۇنلارغا:
ناھيىلىك زور ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاش قۇماندانلىق شىتابىنىڭ[2013-يىل 7-نۇمۇرلۇق] «2013-يىللىق ئاقسىل كىسەللىگى، قۇش زۇكىمى،تۇخۇ يىڭى شەھەر ۋابا كىسەللىگىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەجبۇرى ئىممونىتلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغىرىسىدىكى ھۆججىتى»نىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەلىۋىگە ئاساسەن، يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتى يېزىمىزنىڭ ئاقسىل كىسەللىگى، قۇش زۇكىمى، تۇخۇ يىڭى شەھەر ۋابا كىسەللىگىنى مەجبۇرى ئىممونىتلاش خىزمىتىنى 9-ئاينىڭ 22-كۈندىن 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئىممونىتلاش زىچلىغىنى %100گە يەتكۈزۈپ تاماملاشنى ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدۇق. خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، بىر قىسىم كەنىتلەر بۇ خىزمەتكە ياخشى ئەھمىيەت بىرىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تاماملاپ، ئىممونىتلاش زىچلىغىنى %100گە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كەنىتلەر خىزمەتتە مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ، ياخشى تەشكىللىمەي، يېزىمىزنىڭ ئىممونىتلاش خىزمىتىنىڭ، ناھيە بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ، ناھيىلىك زور ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش قۇماندانلىق شىتابىنىڭ يېزىمىزنى ئۇمۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تەنقىدلىشىگە سەۋەپچى بولدى.  شۇڭا يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتى، زور ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە مەسئۇليەتنى سۈرۈشتە قىلىش تەدبىرىنى ئەمىللەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.
1. ھەر قايسى كەنىتلەرنىڭ ئىممونىتلاش ۋەزىپىسنى ئۇرۇنلاش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
1) ئاقسىل كىسەللىگنى مەجبۇرى ئىممونىتلاش خىزمىتىدە ياخشى تەشكىللىگەن، ئىممونىتلاش ۋەزىپىسنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرغان كەنىتلەر: 2-كەنىت، 3-كەنىت، 4-كەنىت، 5-كەنىت، 6-كەنىت 7-كەنىت، 8-كەنىت، 9-كەنىت، 11-كەنىت، 12-كەنىت، 13-كەنىت
2) ئاقسىل كىسەللىگىنى مەجبۇرى ئىممونىتلاش خىزمىتىدە، تەشكىللىشى ياخشى ئەمەس، ئىممونىتلاش ۋەزىپىسنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرمىغان كەنىتلەر 1-كەنىت، 10-كەنىت.
3) قۇش زۇكىمى، تۇخۇ يىڭى شەھەر ۋاباسى كىسەللىگىنى مەجبۇرى ئىممونىتلاشتا ياخشى تەشكىللەپ، كەنىتنى بىرلىك قىلىپ، ئۆي قۇشلىرنى بىر ئۇرۇنغا يىغىپ، ئىممونىتلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىممونىتلاش ۋەزىپىسنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇرۇندىغان كەنىتلەر: 12-كەنىت
 4) قۇش زۇكىمى، تۇخۇ يىڭى شەھەر ۋاباسى كىسەللىگىنى مەجبۇرى ئىممونىتلاشتا ئىممونىتلاش ۋەزىپىسنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇرۇندىمىغان كەنىتلەر: 10-كەنىت 1-كەنىت
2. يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇليەتنى سۈرۈشتە قىلىش تەدبىرى تۆۋەندىكىچە:
 1) زور ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىش، يۇقۇتۇش خىزمىتىدە «ھۆكۈمەت ئىممونىت زىچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش»، «1-قول جاۋابكار بۇلۇش»،«مەسئۇل رەھبەر بىۋاستە مەسئۇل بۇلۇش» خىزمەت پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئاقسىل كىسەللىگنى، قۇش زۇكىمىنى، تۇخۇ يىڭى شەھەر ۋابا كىسەللىگىنى مەجبۇرى ئىممونىتلاشتا مەسئۇليىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان گۇلئاۋات كەنىت كومتىتى مۇدىرىنىڭ، سېغىزلىق كەنىت كومتىتى مۇدىرنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم 500يۇەندىن مەسئۇليەتسىزلىك پۇلى قۇيۇپ، ئەمىللەشتۈرۈلدۇ.
 2) گۇلئاۋات، سېغىزلىق كەنىتلىرنىڭ كەنىت كومتىت تەركىبىدىكى چارۋىچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرلارنىڭ 300يۇەندىن ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىندۇ.
 3) ھازىرغا قەدەر ئىممونىتلاش ۋەزىپىسنى ئۇرۇنلىمغان 10-كەنىت،1-كەنىتلەرنىڭ  يىللىق ئۇنۋىرسال باھالاشتا دەرىجىسى توۋەنلىتىلدۇ.
 4)ئاقسىل كىسەللىگىنى، قۇش زۇكىمى، تۇخۇ يىڭى شەھەر ۋابا كىسەللىگىنى مەجبۇرى ئىممونىتلاش خىزمىتنى ھازىرغا قەدەر ئاخىرلاشتۇرمىغان كەنىتلەر، بارلىق كادىر كۈچى، يىتەرلىك ئادەم كۈچى تەشكىللەپ، 11-ئاينىڭ 11-كۈندىن بۇرۇن بارلىق ئىممونىتلاش ۋەزىپىسنى ئۇرۇندايدۇ.
 يۇقارقى كەنىتلەر بۇ قېتىمقى ئىممونىتلاش ۋەزىپىسنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇنلىمىسا، بۇنىڭ جاۋابكارلىغى ئايرىم سۈرۈشتە قىلىندۇ. ھەمدە يۈز بەرگەن ھايۋانات يۇقۇمىغا جاۋابكار بۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئۇمۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
گۇلئاۋات يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتى
2013-يىل 11-ئاينىڭ8-كۈنى
 
网站地图 | 网站管理 | 关于我们 | 帮助指南 | 隐私安全
新疆温宿县人民政府    版权所有    邮编:843000    新ICP备10001353号
本站由金华正元计算机工程有限公司    提供技术支持
政府咨询建议电话:0997-4538108    地址:温宿县西大街10号    网址:http://www.wszf.gov.cn/